رۇسىيەدە پارتلاش يۈز بەردى

رۇسىيەنىڭ سانت پېتىربۇرگ شەھىرىدىكى بىر قەھۋەخانىدا پارتلاش پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر ئادەم قازا قىلدى.

1968874
رۇسىيەدە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيەنىڭ سانت پېتىربۇرگ شەھىرىدىكى بىر قەھۋەخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر ئادەم قازا قىلغان، 16 ئادەم يارىلانغان.

نەق مەيداننى تەكشۈرگەن ساقچى خادىملىرى پارتلاشنىڭ پارتلاتقۇچ دورا بىلەن سادىر قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋەقەگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتكەن.

پارتلاشتا قازا قىلغان كىشىنىڭ «ۋىلادلېن تاتارسكىي» دېگەن تەخەللۇس بىلەن تونۇلغان، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەرىكىتىنى قوللايدىغان تور يازغۇچىسى ماكسىم فومىن ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر