ب د ت باش كاتىپى شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشىنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس شىمالىي كورېيەنىڭ قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى.

1961645
ب د ت باش كاتىپى شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپلىق ئىشخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «باش كاتىپ شىمالىي كورېيەنىڭ يەنە بىر قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ» دېدى.

باياناتتا، شىمالىي كورېيە مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرىدا كۆرسىتىلگەن بارلىق خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشقا چاقىرىلدى.

شىمالىي كورېيە جەنۇبىي كورېيەنىڭ ياپونىيە بىلەن يېقىنلىشىشى ۋە ئامېرىكا بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشىدىن كېيىن، «دۈشمەننى ۋەھىمىگە سېلىش» مەقسىتىدە پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

شىمالىي كورېيە مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى، شىمالىي كورېيە قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ 6045 كىلومىتىر ئېگىزلىككە ئۆرلىگەنلىكىنى ۋە دۆلەتنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا چۈشۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى 1000 كىلومىتىر مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر