فىرانسىيە كوچىلىرى يەنە قالايمىقانلاشتى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي 64 كە يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان پېنسىيە ئىسلاھاتىغا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ نامايىشىدا 120 ئادەم قولغا ئېلىندى.

1961169
فىرانسىيە كوچىلىرى يەنە قالايمىقانلاشتى
fransa protesto.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە باش مىنىستىرى ئېلىزابېت بورنېنىڭ پېنسىيە يېشىنى 62 ياشتىن 64 ياشقىچە ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى بېلەت تاشلىماي تۇرۇپ ماقۇللاش قارارىدىن كېيىن،  ئىسلاھاتقا قارشى تۇرغۇچىلار دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدە، شۇنداقلا پارىژدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش تەشكىللىدى.

مىڭلىغان ئىسلاھاتقا قارشى تۇرغۇچىلار پارىژدىكى پارلامېنتقا يېقىن كونكورد مەيدانىغا يىغىلدى. ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا جىددىيچىلىكلەر يۈز بەردى. مەنداندىن تارقىتىۋېتىلگەن نامايىشچىلار يان كوچىلارغا تارقالدى.

نامايىشچىلار پارىژ كوچىلىرىدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى سەۋەبلىك دۆۋىلىنىپ قالغان ئەخلەتلەرگە، ئاپتوموبىل ۋە بىر قىسىم ئاممىۋى مال-مۈلۈكلەرگە ئوت قويدى.

نامايىشلاردا 120 كىشى قولغا ئېلىندى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نونت، لىئون ۋە غېن قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشلەر يۈز بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر