پاكىستان ساقچىلىرى بىلەن ئىمرانخاننىڭ قوللىغۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش چىقتى

پاكىستاندا سابىق باش مىنىستىر ئىمرانخاننىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا تۈنۈگۈن (14-مارت) باشلانغان توقۇنۇشلار، بۈگۈنمۇ (25-مارت) داۋاملاشتى.

1960283
پاكىستان ساقچىلىرى بىلەن ئىمرانخاننىڭ قوللىغۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزى ئەيىبلەنگەن سوتقا قاتناشماسلىق سەۋەبىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان سابىق باش مىنىستىر ئىمرانخاننىڭ، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇشىغا قارشى دۆلەت مىقياسىدا باشلانغان نامايىشلار كېچە بويىچە داۋاملاشتى.

لاھوردا يۈز بەرگەن نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلاردا، 33 ساقچى يارىلاندى، نۇرغۇن نامايىشچىلار تۇتۇلدى.

پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئىمرانخان تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ ئۆزىنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پەنجاپ ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئوسمان ئانۋار ئىمرانخاننىڭ قوللىغۇچىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، زوراۋانلىقلار داۋاملاشقان ئەھۋالدا قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

پاكىستان پىرېزىدېنتى ئارىف ئالۋى ئىمرانخاننىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

پاكىستان تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئىسلامئاباد رايونلۇق سوت مەھكىمىسى ئىمرانخان ئۈستىدىن باش مىنىستىر بولغان مەزگىلدە، چەت ئەل دۆلەت رەھبەرلىرىدىن ئالغان ھەدىيەلەرنى سېتىش، ئۆتكەن يىلى (2022) ئاۋغۇستتا بىر ئايال سوتچىغا تەھدىت سېلىش قاتارلىق ئەيىبلەشلەر بىلەن سوت ئاچقان. ھەر ئىككى قېتىملىق سوتتا، سوتلاشقا قاتناشمىغان ئىمرانخان ئۈستىدىن ئايرىم-ئايرىم تۇتۇش قارارى بېرىلگەن.  

28-فېۋرال (2023) مۇ ئىمرانخان ئۈستىدىن چەت دۆلەت رەھبەرلىرىدىن ئالغان ھەدىيەلەرنى سېتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئېچىلغان سوتتا، تۇتۇش قارارى چىققان ئىدى. ساقچىلار 5-مارت ئىمرانخاننى قولغا ئېلىش ئۈچۈن بارغاندا، ئۇنىڭ ئۆيىدە يوق ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ئىمرانخان ئايال سوتچىغا تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۈستىدىن چىقىرىلغان تۇتۇش قارارىغا قارشى، سوتقا ئەرز سۇنغان. سوت مەھكىمىسى ئىمرانخاننىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىنى 16-مارتقىچە توختىتىپ قويغان ئىدى.

بېلۇچىستان  ئىشتاتىنىڭ كۇۋەيتا شەھىرىدىكى سوت مەھكىمىسىمۇ 9-مارت دۆلەت ئورگانلىرى ۋە مەمۇرلىرىنى ئەيىبلەش، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن، ئىمرانخان ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. بۇ قارار ئىمرانخاننىڭ ئەرز قىلىشى بىلەن يۇقىرى سوت تەرىپىدىن ئىككى ھەپتە كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر