پاكىستان ۋەزىرىستاندا بەش قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى
پاكىستاننىڭ شىمالىي ۋەزىرىستان ۋە جەنۇبىي ۋەزىرىستان رايونلىرىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا بىخەتەرلىك كۈچلىرى بەش قوراللىق ئۇنسۇرنى بىر تەرەپ قىلدى.
1958236
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ شىمالىي ۋەزىرىستان ۋە جەنۇبىي ۋەزىرىستان رايونلىرىدا ئايرىم – ئايرىم زەربە بېرىش ھەرىكىتى بارغانلىقىنى؛ يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا بەش قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.