رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن ياۋروپاغا قاچقان 16 مىليون ئۇكرائىنالىقتىن 11 مىليونى دۆلىتىگە قايتتى

ياۋروپاغا كەلگەن ئۇكرۈئىنالىقلارنىڭ نۇرغۇنى بالىلىرىنى بۇ يەرگە (ياۋروپاغا) ۋە تۇغقانلىرىنىڭ يېنىغا تاشلاپ قويۇپ،  ئۇرۇش قىلىش، خىزمەت قىلىش ۋە رۇسىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى كۈرەشنىڭ بىر پارچىسى بولۇش ئۈچۈن دۆلىتىگە قايتقان.

1957224
رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن ياۋروپاغا قاچقان 16 مىليون ئۇكرائىنالىقتىن 11 مىليونى دۆلىتىگە قايتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن قېچىپ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا پاناھلانغان 16 مىليون ئۇكرائىنالىقتىن 11 مىليونى ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كەتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى ئىشلار كومىتېتىغا مەسئۇل ئەزاسى يىلىۋا جوھانسسون 2022 - يىلى 24- فېۋرالدا باشلانغان ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇكرائىنالىق پاناھلانغۇچىلار ئۈچۈن ۋاقىتلىق قوغداش بۇيرۇقى چىقىرىلغاندىن بۇيانقى بىر يىللىق جەريان ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

جوھانسسون ئۇرۇشتىن كېيىن 16 مىليون ئۇكرائىنالىق پاناھلانغۇچىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇلاردىن 11 مىليونى ئۇكرائىناغا قايتىپ كەتتى. 1 مىليونى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئامېرىكا، كانادا ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق باشقا دۆلەتلەرگە كەتتى. تەخمىنەن 4 مىليونغا يېقىن ئۇكرائىنالىق ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە قالدى» دېدى.

جوھانسسون بىر مۇخبىرنىڭ 11 مىليون ئۇكرائىنالىقنىڭ ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا قارىماي، نېمە ئۈچۈن قايتىپ كەلگەنلىكىگە دائىر سوئالىغان جاۋاب بېرىپ، «مەن قايتىپ كەلكەنلەر بىلەن سۆزلەشتىم، بۇ يەردە خۇشال بولالمىغانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىش ئۈچۈن باشقا ھېچقانداق سەۋەب يوق. ئۇلار بۇ يەردە ياخشى قارشى ئېلىنغانلىقلىرىنى بىلىدۇ، ئەمما نۇرغۇنى بالىلىرىنى بۇ يەرگە، تۇغقانلىرىنىڭ يېنىغا تاشلاپ قويۇپ،  ئۇرۇش قىلىش، خىزمەت قىلىش ۋە رۇسىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى كۈرەشنىڭ بىر پارچىسى بولۇش ئۈچۈن قايتىپ كەتتى» دېدى.

جوھانسسون ھەر ھەپتىسى  200 مىڭغا يېقىن ئۇكرائىنالىقنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىپ-چىقىشى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ يازما باياناتىدا، ۋاقىتلىق قوغداشقا ئېرىشكەن 4 مىليون كىشىنىڭ مەزكۇر قوغداش بۇيرۇقىغا بىنائەن ئىشلەش، مائارىپ، ساغلاملىق ۋە پاناھلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، بالىلارغا ئالاھىدە قوغداش مۇلازىمىتى بېرىلگەنلىكى ۋە ئۇكرائىنادىكى بالىلارنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىر قىسمىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا مائارىپ ۋە كەسپىي تەربىيىلەشتىن بەھرىمەن بولۇش جەھەتتە، 2022-يىلى 9-ئايدىكى ئوقۇش يىلى باشلانغانغا قەدەر، تەخمىنەن يېرىم مىليونغا يېقىن ئۇكرائىنالىق بالىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىغا تىزىملاتقانلىقى، تەخمىنەن 2 مىڭ ئۇكرائىنالىق بىمارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 20 دۆلەتكە تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى، تەخمىنەن 1 مىليون ئۇكرائىنالىق پاناھلانغۇچىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر