زېلېنىسكىي ئۇكرائىنا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ بەزى ئەمەلدارلىرىنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىدى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىك) ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقى ئالېكساندىر ياكۇشېۋ ۋە بىر قىسىم ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى.
1955773
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى تور بېتىدە پىرېزىدېنت ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ قارارنامەسىنى ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياكۇشېۋ، ئىقتىسادىي ياردەم ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالېكساندىر پروۋتوروۋ ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكلىرىنى قوغداش ۋە ئىجازەت بېرىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىگور نوسكو قاتارلىقلارنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئۇكرائىنا ئىستىخبارات ئىدارىسى زاپورىژىيا باشقارمىسى باشلىقى بورسى بېزرۇكىي بىلەن سۇمى باشقارمىسى باشلىقى ئېدۋارد فېدورۋنىمۇ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان زېلېنسكىي، ئىستىخبارات ئىدارىسى شۇمى باشقارمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا ئولېگ كروسنوخاتنى تەيىنلىدى.
زېلېنسكىي دۆلەت مەخپىيەتلىكلىرىنى قوغداش ۋە ئىجازەت بېرىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا ئولېگ ھراموفنى تەيىنلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيەنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە لىۋانغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 6 كىشى قازا قىلىپ، 15 كىشى يارىلاندى.
خىتاي قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) نى سىناق قىلدى
خىتاي سىناق مەقسىتىدە بىر قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) نى تىنچ ئوكيانغا قويۇپ بەردى.