ھوندۇراستىكى قوراللىق ھۇجۇمدا يەتتە كىشى قازا قىلدى

ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى ھوندۇراستا  يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا، يەتتە كىشى قازا قىلدى.

1955228
ھوندۇراستىكى قوراللىق ھۇجۇمدا يەتتە كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايون مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، پايتەخت تېگۇجىگالپاغا قاراشلىق كوماياگۇلا رايونىدا قورال بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن يەتتە كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان. جەسەتلەردىن 4 ىنىڭ ئاياللارغا تەۋە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈش باشلانغانلىقى ۋە جەسەتلەرنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، ئەدلىيە تىببىي تەكشۈرۈش ئورگىنىدىكى جەسەت ساقلاش مەركىزىگە يوللانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ساقچىلار، ھوندۇراستا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 دىن 15 كىچە كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر