پۇتىن يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى قىسقارتىش شەرتنامىسىگە قاتنىشىشنى توختىتىش قانۇنىنى ئىمزالىدى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن «يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى قىسقارتىش شەرتنامىسى (START)»غا قاتنىشىشىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇننى ئىمزالىدى.
1953067
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن دۆلىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن قىتئەلەر ئارا يادرو باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارىنى تىزگىنلەش توغرىسىدا تۈزگەن «يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى قىسقارتىش شەرتنامىسى (START)»غا قاتنىشىشىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇننى ئىمزالىدى.
رۇسىيە دۆلەتلىك قانۇن ئۇچۇرلىرى سىستېمىسىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى توڭلىتىپ قويۇلغان «يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى قىسقارتىش شەرتنامىسى»گە قايتا قوشۇلۇش مەسىلىسىگە رۇسىيە پىرېزىدېنتى قارار قىلىدىكەن.