ئىسيانچىلار كانچىلىق شەھىرى رۇبايانىڭ كونتروللۇقىنى تارتىۋالدى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىدىكى شىمالىي كىۋۇ ئۆلكىسىگە قاراشلىق كانچىلىق شەھىرى رۇبايا ئىسيانچىلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتتى.

1952465
ئىسيانچىلار كانچىلىق شەھىرى رۇبايانىڭ كونتروللۇقىنى تارتىۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونگو دۆلەتلىك تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە رۇبايا شەھىرى ئىككى كۈنلۈك توقۇنۇشتىن كېيىن «23-مارت ھەرىكىتى» گۇرۇپپىسىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتكەن.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىدىكى نۇرغۇن ئولتۇراق رايونلارنىڭ كونتروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغان «23-مارت ھەرىكىتى» ئەزالىرى، رۇبۇيا شەھىرىگە كىرگەندىن كېيىن، بىخەتەرلىك قىسىملىرى رايوندىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان.

«23-مارت ھەرىكىتى» ئەزالىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدە ئالغا ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا. 25 - فېۋرالدىمۇ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم شەھەر مۇشاكىنى ئىگەللىۋالغان ئىدى.

يېقىنقى كۈنلەردە ھۇجۇملىرىنى كۆچەيتكەن «23-مارت ھەرىكىتى» ئەزالىرى، رايوندىكى نۇرغۇن يېزا-بازارلارنىڭ كونتروللۇقىنى ئالقىنىدا تۇتۇپ كەلمەكتە.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىسيانچى «23-مارت ھەرىكىتى» نىڭ 2021 - يىلى نويابىردا قايتا باشلانغان ھۇجۇملىرى، رايوندا تۇرۇشلۇق مىڭلىغان پۇقرانىڭ كۆچۈشىگە ۋە رىۋاندا بىلەن كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا كىرىزىس پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى رىۋاندانى ئەيىبلەپ، ئالتۇن، كولتان ۋە كوبالت قاتارلىق مېنىرال ماددىلار مول جايلارنى ئىشغال قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە «23-مارت ھەرىكىتى»  ئىسيانچىلىرىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەۋتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، رىۋاندا بۇ ئەيىبلەشلەر رەت قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر