نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئونلارچە كىشى ئۆلدى

نىگېرىيەنىڭ بېنۇ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 13 ئادەم قازا قىلدى.

1952177
نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئونلارچە كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فۇلانى گۇرۇھى ئەزالىرى بېنۇ ئۆلكىسىگە قاراشلىق تسې لگار، تسې – ماگۇ ۋە تسې – دۇدۇ يېزىلىرىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغان ۋە نۇرغۇن ئۆيلەرگە ئوت قويۇپ بەرگەن.

ھۇجۇم داۋامىدا 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا كىشى يارىلانغان،

ۋەقەدىن كېيىن، رايونغا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئەۋەتىلگەن ۋە ۋەقەنى تەكشۈرۈش باشلانغان.

نىگېرىيەنىڭ شىمالى پات – پات چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان فۇلانىلار بىلەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەزى قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى شىددەتلىك توقۇنۇشلارغا سەھنە بولىدىكەن.

كۆچمەن فۇلانىلار دېھقانلارنىڭ ھايۋانلىرىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر