ئامېرىكادا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ 1 – خاتىرە يىلىدا ھەمكارلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ 1 – خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە سان فىرانسىسكودا ئۇكرائىنا بىلەن ھەمكارلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

1951550
ئامېرىكادا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ 1 – خاتىرە يىلىدا ھەمكارلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۈزلىگەن نامايىشچىلار ۋاشىنگىتوندىكى لىنكولىن خاتىرە سارىيى ئالدىغا يىغىلىپ، ئۇكرائىنا بايرىقى ۋە رۇسىيەنى ئەيىبلەيدىغان پىلاكاتلار ئېچىش ئارقىلىق ئۇرۇشقا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئاگېنتلىقى مۇدىرى سامانتا پوۋېر نامايىشتا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ يېنىدا بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سامانتا پوۋېر: «ئۇكرائىناغا شۇنى تەكرار ئېيتىمەنكى، سىلەر غەلىبە قىلىسىلەر. يالغۇز زېمىنىڭلارنىلا ئەمەس، ئەڭ ئەقەللىي ھەق ھوقۇقۇڭلار بولغان ئۆز تەقدىرىڭلارنى ئۆزىڭلار بەلگىلەش ھوقۇقۇڭلارغا ئېرىشىلەر. ئامېرىكا ئاخىرىغىچە  ھەر دائىم يېنىڭلاردا بولىدۇ» دېدى.

كۆپىنچىسى ئۇكرائىنالىق ۋە ئىرانلىقلاردىن تەشكىللەنگەن ئونلىغان كىشىمۇ كالىفورنىيەنىڭ سان فىرانسىسكو شەھىرىدىكى پاراخوت بىناسىنىڭ ئالدىدا يىغىلىپ، ئۇكرائىنا بىلەن ھەمكارلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

نامايىشتا ئۇكرائىنا بايرىقىدىن باشقا يەنە، ئۇكرائىنانى قوللاشنى تەلەپ قىلىدىغان ئۇرۇشقا قارشى لوزۇنكىلارمۇ ئېچىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر