ئامېرىكا: يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش قارارىنى چىقىرىشنى ھەرگىزمۇ سۈنئىي ئىدراكقا تاشلاپ قويمايمىز
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قورال-ياراغلارنى كونترول قىلىش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش ئىدارىسى مۇئاۋىن كاتىپى پائۇل دىئان: «بىز يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك قارارلارنى چىقرىىشنى ھەرگىزمۇ سۈنئىي ئىدراكقا تاشلاپ قويمايمىز» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پائۇل دىئان ئىنتېرنېت مۇھىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش قارارىنى پەقەت ئىنسانلا چىقىرالايدىغانلىقى» توغرىسىدا «ناھايىتى ئېنىق ۋە كۈچلۈك ۋەدىلەرنى بەرگەنلىكى»نى تەكىتلىدى.
«بىز يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك قارارلارنى چىقرىىشنى ھەرگىزمۇ سۈنئىي ئىدراكقا تاشلاپ قويمايمىز» دېگەن دىئان، دۆلىتىنىڭ بۇ باياناتىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنى ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە بىلەن بىرلىكتە ئاممىغا ئېلان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
«بىز خىتاي بىلەن روسىيەنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بايانات ئېلان قىلىشىنى قارشى ئالىمىز» دېگەن دىئان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسى ئارىسىدىكى ئۆزئارا ماسلىق نۇقتىسىدىنمۇ قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.