ستولتېنبېرگ: تۈركىيە - فىنلاندىيە - شىۋېتسىيە سۆھبەتلىرى قايتىدىن باشلىنىدۇ

تۈركىيە، فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە ۋەكىللىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو مەركىزىدە ئۇچرىشىدۇ.

1951183
ستولتېنبېرگ: تۈركىيە - فىنلاندىيە - شىۋېتسىيە سۆھبەتلىرى قايتىدىن باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ئۆتكەن ھەپتىدىكى تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈپ، مارتنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۈركىيە، شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە ۋەكىللىرىنىڭ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشى توغرىسىدا كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن بىلەن بىرلىكتە ئېستونىيەنىڭ دۆلەت بايرىمى (مۇستەقىللىق كۈنى) مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەخت تاللىندا زىيارەت قىلدى.

باش كاتىپ ستولتېنبېرگ ئېستونىيە باش مىنىستىرى كاجا كاللاس ۋە ۋون دېر لېيېن بىلەن بىرلىكتە پايتەخت تاللىندا ئۆتكۈزگەن ئۈچ تەرەپلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىنكى بىر يىلدا يۈز بەرگەن تەرەققىياتلارنىڭ بىرىنىڭ، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەزالىق مۇساپىسىدە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى، 30 ناتو ئىتتىپاقدىشىنىڭ 28 ىنىڭ قېتىلىش رەسمىيىتىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مەن ئۆتكەن ھەپتە ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئۈنۈملۈك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدۈم. بىز سۆھبەتنىڭ قايتا باشلىنىشى ۋە مارت ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ناتو باش ئورگىنىدا فىنلاندىيە، شىۋېتسىيە ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىيۇندا ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ھەمدە ئەزالىق مۇساپىسىنىڭ قانداق تاماملىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئېچىش مەسىلىسىدە كېلىشتۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ فىنلاندىيەنىڭ ئەزالىقىغا ئىجابىي قاراشتا ئىكەنلىكىنى، شىۋېتسىيەگە مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان ستولتېنبېرگ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى، ئەزالىق رەسمىيىتىنى ئىجرا قىلىش ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ستولتېنبېرگ ۋېنگىرىيە پارلامېنتىنىڭ كېلەر ھەپتە ئىككى دۆلەتنىڭ ناتوغا قوشۇلۇش رەسمىيىتىنى تەستىقلاش مۇزاكىرىلىرىنى باشلايدىغانلىقىنى، بۇ قەدەمنىڭ ئۆزىنى سۆيۈندۈرگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ بالدۇرراق ئەزا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر