بلىنكېن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە ھىندىستاننى زىيارەت قىلىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، 2023-يىلى 28- فېۋرالدىن 3- مارتقىچە قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە ھىندىستاننى زىيارەت قىلىدۇ.

1951186
بلىنكېن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە ھىندىستاننى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئانتونى بلىنكېننىڭ 28 – فېۋرال قازاقىستاننىڭ ئاستانە شەھىرىنى زىيارەت قىلىپ، قازاقىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بلىنكېننىڭ قازاقىستان ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكسىتان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ۋە ئامېرىكادىن تەركىب تاپقان C5+1 گۇرۇپپىسى مىنىستىرلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، مىنىستىر بلىنكېننىڭ ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

باياناتتا، C5+1 گۇرۇپپىسى يىغىنى جەريانىدا ئانتونى بلىنكېننىڭ مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، رايونلۇق ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

مىنىستىر بلىنكېننىڭ ئاستانەدىن كېيىن ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتكە بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا: «مىنىستىر 1 – مارتتا نۇقتىلىق ھالدا يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش، دۇنيا ساغلاملىقى، ئاياللار ھوقۇقىنىڭ كۈچەيتىلىشى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋە ئاپەت ياردەملىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىكنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشىتىراك قىلىش ئۈچۈن، ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىغا بارىدۇ. ئۇ يەردىمۇ ھىندىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە پۇقرالار جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، كۈچلۈك ھەمكارلىقىمىزنى تەكىتلەيدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر