ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىغا قارشلىق ئورلاندو شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

1950543
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىغا قارشلىق ئورلاندو شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىرى توققۇز ياشلىق بىر كىچك بالا، يەنە بىرى بىر مۇخبىر بولۇپ جەمئىي ئۈچ كىشى قازا قىلدى.

فىلورىدا ساقچى ئىدارىسى ۋەقە ھەققىدە بايانات بېرىپ، 19 ياشلىق قوراللىق ھۇجۇمچى كېئىت مېلۋىن موسېسسنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا بىر ئايال بىلەن توققۇز ياشلىق قىزى قازا قىلدى.

ساقچىلار، ھۇجۇم ھەققىدە خەۋەر ئىشلەش ئۈچۈن نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان ئىككى مۇخبىرغا ئوق تەگكەنلىكىنى، ئۇلاردىن بىرىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىلورىدا ساقچى ئىدارىسى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ: «ئائىلىلەرگە ئەڭ چوڭقۇر تەزىيەلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز. بۇ خەلقىمىز ئۈچۈن ئەپسۇسلىنارلىق بىر كۈن بولدى» دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، يۈز بېرىش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر