ئامېرىكا: بايدىننىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتى ھەققىدە رۇسىيەگە مەلۇمات بېرىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋدا زىيارەتتە بولۇشتىن ئىلگىرى بۇ ھەقتە رۇسىيەگە مەلۇمات بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1949083
ئامېرىكا: بايدىننىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتى ھەققىدە رۇسىيەگە مەلۇمات بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش تور يىغىنىدا، ژۇرنالىستلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

سۇللىۋان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «پىرېزىدېنت بايدىننىڭ ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق رۇسىيەگە خەۋەر بەردۇق. بۇ خەۋەرنى <كۈچلەرنى بىخەتەر ئايرىش> مەقسىتىدە پىرېزىدېنت بايدىن يولغا چىقىشتىن بىرقانچە سائەت ئىلگىرى رۇسلارغا يەتكۈزدۇق.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان رۇسىيەنىڭ پىرېزىدېنت بايدىننىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتى ھەققىدە خەۋەر يەتكۈزۈلگەنلىكىگە قارىتا ئىنكاسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

بۇ ئارىلىقتا، سۇللىۋاننىڭ ئادەتتە «يادرو كۈچىگە ئىگە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «كۈچلەرنى بىخەتەر ئايرىش» ئىبارىسىنى ئىشلىتىشى دىققەت قوزغىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن پولشا زىيارىتى ھارپىسىدا، تۈنۈگۈن (20-فېۋرال) ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى  كىيېۋدا ئۇشتۇمتۇت زىيارەتتە بولغانىدى.

جو بايدىن پايتەخت كىيېۋدا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىرزېلېنىسكى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇكرائىنا ئۈچۈن 500 مىليون دوللارلىق يېڭى ھەربىي ياردەم پىلانى تۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

بايدىن ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىگە، نەچچە مىليارد دوللارلىق ۋاسىتىلىك خامچوت ياردىمى بېرىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر