گوللاندىيە رۇسىيەنىڭ بەزى دىپلوماتلىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدۇ

گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئىستىخبارات خادىمى بولۇشى سەۋەبلىك بەزى رۇس دىپلوماتلىرىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى ۋە گوللاندىيەنىڭ سايىنت.پېتېرسبۇرگ كونسۇلخانىسىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1948580
گوللاندىيە رۇسىيەنىڭ بەزى دىپلوماتلىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە ھۆكۈمىتى رەسمىي تور بېتىدە، رۇسىيەنىڭ بەزى دىپلوماتلىرىنىڭ ۋە سايىنت.پېتېرسبۇرگ شەھىرىدىكى گوللاندىيە كونسۇلخانىسىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «رۇسىيە ئىستىخبارات خادىملىرىنى دىپلومات كۆرسىتىپ، ئۇلارنى داۋاملىق گوللاندىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ. گوللاندىيەنىڭ موسكۋا ئەلچىخانىسى ۋە سايىنت.پېتېرسبۇرگ كونسۇلخانىسى دىپلوماتلىرىغا ۋىزا بېرىلمىدى. رۇسىيەنىڭ گوللاندىيەدىكى دىپلوماتلىرىنىڭ سانى، گوللاندىيەنىڭ رۇسىيەدىكى دىپلوماتلىرىدىن كۆپ بولسا بولمايدۇ. شۇڭا، بەزى رۇس دىپلوماتلار گوللاندىيەدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك. چېگرادىن چىقىپ كېتىشى كېرەك بولغان رۇسىيە دىپلوماتلىرىغا ئىككى ھەپتە ۋاقىت بېرىلىدۇ. رۇسىيەنىڭ ئامستېردامدىكى سودا ئىشخانىسىمۇ 21-فېۋرالدىن (2023) تارتىپ تاقىلىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا، رۇسىيەنىڭ ۋىزا بەرمەسلىكى سەۋەبىدىن گوللاندىيەنىڭ سايىنت.پېتېرسبۇرگدىكى كونسۇلخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان خادىملارنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى، شۇڭا 20-فېۋرالدىن (بۈگۈن) تارتىپ تاقىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

گوللاندىيە ھۆكۈمىتى 24-فېۋرال (2022) رۇسىيە ئۇكرائىناغا قارشى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغاپ بىر ئاي ئۆتكەندە، جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ 17 نەپەر رۇس دىپلوماتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى.

رۇسىيەمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن 15 نەپەر گوللاندىيە دىپلوماتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر