دۇنيا ئەللىرى تۈركىيەگە يار - يۆلەك بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

دۇنيا ئەللىرىنىڭ «100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بالايىئاپەت» دەپ ئاتالغان قاھرامانماراشنى مەركەز قىلىپ يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، تۈركىيە ۋە سۈرىيەدىكى تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى ئەۋەتىش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

1947607
دۇنيا ئەللىرى تۈركىيەگە يار - يۆلەك بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېس تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، «100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بالايىئاپەت» دەپ ئاتالغان يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئەڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان تۈركىيە خەلقى ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەلىپىدە بولدى.

گۇتېرېس تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇدا ئۈچ ئاي داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، بۇ دائىرىدە، بولۇپمۇ يېمەكلىك، بىخەتەرلىك، مائارىپ، سۇ ۋە پاناھلىنىش ساھەلىرىدە 5 مىليون 200 مىڭ كىشىگە ياردەم قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئەڭ كۆپ مۇساپىرلارنى باغرىغا بېسىۋاتقان دۆلەت بولۇپ، سۈرىيەلىك قوشنىلىرىغا كۆپ يىللاردىن بۇيان كەڭ قورساقلىق قىلىپ كەلمەكتە.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېس دۇنيادا ياردەم تەلەپ قىلىدىغانلارغا ئەڭ كۆپ يار - يۆلەك  بولىدىغان تۈركىيە خەلقىگە ياردەم بېرىشنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى <100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بالايىئاپەت> دەپ ئاتالغان يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان تۈركىيە خەلقى ئۈچۈن 1 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش چاقىرىقىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.»

قازاقىستان يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ئەۋەتكەن 55 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى.

55 توننا چېدىر، ئىسسىتقۇچ، ئىسسىق تۇتىدىغان  كىيىم - كېچەك ۋە باشقا ئېھتىياجلىق لازىمەتلىكلەر قاچىلانغان ئايروپىلان غازىئانتەپ ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىدا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان ئايروپىلاننى، تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن قازاقىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يېركېبۇلان ساپيېۋ قارشى ئالدى.

چاۋۇشئوغلۇ قازاقىستاننىڭ بۇ ياردەملىرى ئۈچۈن ساپيېۋگە رەھمەت ئېيتتى.

ئافراقىنىڭ شەرقىدىكى 99 مىڭ نوپۇسى بار ئارال دۆلىتى سېيشېللېس، تۈركىيەدىكى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلىپ يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا 66 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى.

تۈركىيەنىڭ نايروبى ئەلچىخانىسى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سېيشېللېس خەلقىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن تۈركىيەگە ئەدىيال، قىشلىق كىيىم - كېچەك ۋە كارىۋات ئىئانە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۇۋەيت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا يار - يۆلەك بولۇش مەقسىتىدە، تۈركىيەگە ئەۋەتكەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان ياردەم ئايروپىلانلىرىنىڭ سانى 9 غا يەتتى.

كۇۋەيتتىكى ئاممىۋى تەشكىلات مېھىر - شەپقەت جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ۋەلىد ئەلئەنجەرى كۇۋەيتتىن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن تۈركىيەگە ئەۋەتىلگەن ياردەم ئايروپىلانلىرى سانىنىڭ توققۇزغا يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە يەر تەۋرەش ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى.

لىۋىيەنىڭ مىسراتە شەھىرىدە، كەڭ خەلق ئاممىسى يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن تۈركىيەگە دەسلەپكى قەدەمدە 12 يۈك ئاپتوموبىللىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى.

مىسراتە شەھەرلىك قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇل فەتھى شىبانى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە خەلقى ۋە تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى ھەردائىم بىزگە يار - يۆلەك بولۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى قىلدى. بىزنىمۇ چوڭقۇر دەرد – ئەلەمگە تاشلىغان بۇ يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن، بىزمۇ ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيە خەلقىگە يار - يۆلەك بولۇشنى قارار قىلدۇق.  بۇ دائىرىدە، خورما قاچىلانغان كونتېينېر،  گېنېراتور، ئېلېكتر ئوچاق، ئۆي جاھازلىرى، ئەدىيال ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىقلار بېسىلغان تۇنجى قۇتقۇزۇش پاراخوتى تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر