دۇنيا ئەللىرى تۈركىيەگە يار - يۆلەك بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ«100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بالايىئاپەت»دەپ ئاتالغان قاھرامانماراشنى مەركەز قىلىپ يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، تۈركىيە ۋە سۈرىيەدىكى تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى ئەۋەتىش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

1947138
دۇنيا ئەللىرى تۈركىيەگە يار - يۆلەك بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  6 – فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن 7.7 ۋە 7.6 باللىق يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى، سۈرىيە ۋە تۈركىيەدىكى تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن يېمەك – ئىچمەك، دورا ھەمدە پاناھلىنىش ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن 10 مىليون ياۋرو قوشۇمچە ياردەم بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

تۈركىيەنىڭ لاھەيدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى  سەلچۇق ئۈنال ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ھازىرغا قەدەر گوللاندىيەدىن 19 مىڭ ئىسسىتقۇچ، 2 مىڭ 200 گېنېراتور، 816 چېدىر، 32 مىڭ ئەدىيال، 620 توننا كىيىم-كېچەك، 231 توننا داۋالاش بۇيۇملىرى، قاھرامانماراش، ئادانا، ھاتاي ۋە غازىئانتەپكە بىۋاسىتە ئەۋەتىلدى» دېدى.

ئىسپانىيەدە توپلانغان ۋە تۈركىيەگە ئەۋەتىلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ 71 توننىدىن ئاشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋاتىكاننىڭ رەسمىي ئاخبارات ئورگىنى «Vatican News» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كاتولىكلارنىڭ رۇھانىي داھىيسى ۋە ۋاتىكان پىرېزىدېنتى پاپا فىرانچېسكو، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا 10 مىڭ تېرمال ئىچ كىيىمنى، كلىستىكى «مۇساپىرلار لاگېرى» غا  ئەۋەتكەن.

پاپا فىرانچىسكو 12 – فېۋرال (2023) ئەنئەنىۋى يەكشەنبە دۇئا قىلىش پائالىيىتىدە، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلغانىدى.

گىرېتسىيە خەلقى تەرىپىدىن شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر، رايونلۇق ۋالىي مەھكىمىلىرى ۋە ئوخشىمىغان ئورگانلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن توپلانغان ئەدىيال، ئىسسىتقۇچ، شەخسىي تازىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە دورا قاتارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ دەسلەپكى قىسمى بېسىلغان پاراخوت، پىرې پورتىدىن يولغا چىقتى.

خەلقئارا ئېنېرگىيە ئورگىنى (IEA) نىڭ مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا، تەخمىنەن 40 دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى، «100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بالايىئاپەت» دەپ ئاتالغان قاھرامانماراشنى مەركەز قىلىپ يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، رايوننى قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرىنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

خەلقئارا ئېنېرگىيە ئورگىنىنىڭ رەئىسى فاتىھ بىرول دۇنيا ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنى، يەر تەۋرەش رايونىدا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ئىسسىتقۇچ، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيەلىرى ۋە كونتېينېر ئۆي قاتارلىق ئەسلىھەلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشكە چاقىرغانىدى.

ئەنگلىيە، تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئۈچۈن يەنە 25 مىليون فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 566 مىليون تۈركىيە لىراسى) ياردەم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ياردەملەر، تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئورگانلىرى، تۈركىيە بىلەن سۈرىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ياردەملەر دائىرىسىدە، چېدىر ۋە ئەدىياللارنى يەتكۈزۈش، داۋالاش ئەترەتلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شىمالىي ماكېدونىيەدە ئىسلام بىرلىكى (دىنىي ئىشلار ئىدارىسى) غا قاراشلىق سىكوپژې مۇپتىلىقى قارمىقىدىكى جامەلەردە، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن 157 مىڭ 620 ياۋرو (تەخمىنەن 3 مىليون 200 مىڭ لىرا) نەق پۇل ياردىمى يىغىلدى.

ئىراق كۈرت (كورد) رايونلۇق ھۆكۈمىتىدە ئوقۇغۇچىلار، ئىئانە توپلاش پائالىيىتى دائىرىسىدە توپلىغان 15 مىڭ دوللارنى، تۈركىيەنىڭ ئەربىل باش كونسۇلخانىسىدا يەر تەۋرەش ياردەملىرى ئۈچۈن ئېچىلغان بانكا ھېساباتلىرىغا ياتقۇزدى.

قاتار مۇزېيلار ئورگىنى، بالىلار ۋە ئىزچى ئەترەتلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، تۈركىيە ۋە سۈرىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. پايتەخت دوھادا قاتار قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا «ئۇلار ئۈچۈن ئۈمىد چىرىغى ياندۇرغىن» ناملىق سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى دائىرىسىدە، ئىئانە قىلغۇچىلار، كىيىم-كېچەك، ئەدىيال، سۈت، كونسېرۋالىق يېمەكلىك، داۋالاش بۇيۇملىرى، ئويۇنچۇقلار ۋە نەق پۇل ئىئانە قىلدى.

تەخمىنەن 20 مىليون نوپۇسنىڭ يۈزدە بىر پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان زامبىيەدىكى مۇسۇلمانلار، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن 100 مىڭ دوللار نەق پۇل ياردىمى يىغدى.

سېربىيەنىڭ پايتەختى بېلگراد ۋە بوشناقلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان سانجاق رايونىدا، تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن تەييارلانغان يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ ماڭغان ياردەم كارۋانلىرى، يەر تەۋرەش رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى.

مېكسىكا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن 10 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى، تۈركىيەنىڭ ئادانا ۋىلايىتىگە يەتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر