ستولتېنبېرگ ناتو يىغىنىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن ئېچىلغانلىقىنى ئېيتتى

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئەتە (2023-يىلى 16-فېۋرال) تۈركىيەگە كېلىدۇ ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈرىدۇ.

1946945
ستولتېنبېرگ ناتو يىغىنىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن ئېچىلغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ناتونىڭ تۈركىيەگە قىلىدىغان ياردىمى ۋە ئەتە ئەمەلگە ئاشىدىغان زىيارىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇ مەركىزى قاھرامانماراش بولغان يەر تەۋرەشلەر سەۋەبىدىن بارلىق ئىتتىپاقداشلارنىڭ تۈركىيەگە چوڭقۇر تەزىيەلىرىنى يەتكۈزۈپ، ياردەم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ناتو ئىتتىپاقداشلىرى، شېرىكلىرى ۋە ناتو ياردەملىرىنى كۆپەيتتى.»

ئۇ ناتونىڭ بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئاپەت رايونلىرىغا كونتېينېر ئۆيلەرنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشۈپ، تەزىيەلىرىمىزنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئەتە تۈركىيەدە بولىمەن» دېدى.

ئۇ تۈنۈگۈن (14-فېۋرال) ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىنى سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلىغانلىقلىرىنى خاتىرىلىتىپ: «تۈركىيەگە ياردەم قىلغان شېرىكىلىرىمىزگە تەشەككۈر ئېيتىمەن. بۈگۈن (15-فېۋرال) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىنى بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا تۈركىيەگە تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلىشنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ياردەملىرىنى كۆپەيتىشنى چاقىرىق قىلىپ ئاخىرلاشتۇردۇم» دېدى.

6-فېۋرال (2023) قاھرامانماراشتا يۈز بەرگەن ۋە 10 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن 7.7، 7.6 بال يەر تەۋرەشلەردە مىڭلارچە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇ ئاپەت «بۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ بالايىئاپەت» دەپ ئاتالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر