ئامېرىكا: يەر تەۋرەشلەر تۈركىيە ۋە سۈرىيەگىلا ئەمەس، دۇنياغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايىس «ئەسىرنىڭ ئاپىتى» دەپ ئاتىلىۋاتقان قاھرامانماراش مەركەزلىك يەر تەۋرەشنىڭ تۈركىيە بىلەن سۈرىيەگىلا ئەمەس، دۇنياغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1946207
ئامېرىكا: يەر تەۋرەشلەر تۈركىيە ۋە سۈرىيەگىلا ئەمەس، دۇنياغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پرايس كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، يەر تەۋرەشكە مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ كىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ۋەيرانچىلىقلار ۋە نابۇت بولغان ئىنسان ھاياتىغا قارايدىغان بولساق، بۇ يەر تەۋرەش تۈركىيە ۋە سۈرىيەگىلا ئەمەس، دۇنياغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى» دېدى.

ئامېرىكانىڭ تۈركىيە ۋە سۈرىيەدىكى ئىزدەش، قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى قوللاش ئۈچۈن قوشۇمچە ئۈسكۈنە ۋە مەنبەلەرنى سەپەرۋەر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن پرايس: «ئىنتايىن قىيىن شارائىت ئاستىدا كېچە – كۈندۈز خىزمەت قىلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەر ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئىشەنگۈسىز دەرىجىدىكى پىداكارلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىمىز» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق سۈرىيەنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان جايلىرىغا ياردەم بېرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشىدەك ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

«بۇ بىر سىياسىي مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئىنسانىي مەسىلە» دېگەن پرايس، تېخىمۇ كۆپ چېگرا ھالقىپ ياردەم بېرىشنىڭ نۇرغۇن ئىنساننىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تۈركىيە ۋە سۈرىيە خەلقلىرىنى قوللاش ئۈچۈن، قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ئىشلارنى قىلىشقا چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكانىڭ ماسساچۇسېتس ئىشتاتىنىڭ پايتەختى بوستوندىكى بىر قىسىم سىمۋوللۇق كۆۋرۈكلەر قىزىل ۋە ئاق رەڭدە يورۇتۇلدى.

تۈركىيەنىڭ بوستوندىكى كونسۇلخانىسى ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «بوستوندىكى سىمۋوللۇق كۆۋرۈكلەر يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن بايرىقىمىزنىڭ رەڭلىرى بىلەن يورۇتۇلدى. ھەمكارلاشقانلىقىڭلار ئۈچۈن رەھمەت» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر