جەنۇبىي ئافرىقادا مەملىكەتلىك ئاپەت ھالىتى ئېلان قىلىندى

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە شىددەتلىك يامغۇرلار كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن مەملىكەتلىك ئاپەت ھالىتى ئېلان قىلىندى.

1946206
جەنۇبىي ئافرىقادا مەملىكەتلىك ئاپەت ھالىتى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئافرىقا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا، ماپۇمالانگا، شەرقىي كەپ، گاۋتېڭ، كۇۋازۇ-ناتال ۋە لىمپوپو ئۆلكىلىرىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن شىددەتلىك يالغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتىگە قارشى كەسكىن ۋە پىلانلىق كۈرەش قىلىش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك ئاپەت ھالىتى ئېلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، شىددەتلىك يامغۇرلارنىڭ لا نىنا دەپ ئاتىلىدىغان يەرشارى ھاۋا رايى ھادىسىسىدىن كېلىپ چىققانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

كەلكۈن ۋە سۇ ئاپەتلىرى بەزى رايونلارغا ماددىي زىيان سالدى، ئەمما ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى بىلدۈرۈلمىدى.

جەنۇبىي ئافرىقادا ئالدىنقى ھەپتە ئېلېكتىر كىرىزىسىغا قارشى كۈرەش ئۈچۈنمۇ مەملىكەتلىك ئاپەت ھالىتى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر