دانىيە ئۇكرائىناغا شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك ياردەم قىلدى

دانىيە بارلىق «CAESAR» ناملىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلىرىنى 2022 – يىلى 24 – فېۋرالدىن بۇيان رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىناغا ياردەم قىلدى.

1945807
دانىيە ئۇكرائىناغا شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، دانىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھەربىي ياردىمى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىپ مۇنداق دېيىلدى:

«دانىيە بارلىق <CAESAR> ناملىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلىرىنى 2022 – يىلى 24 – فېۋرالدىن بۇيان رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان دۆلىتىمىزگە ياردەم قىلدى. دەرۋەقە، دانىيە كۈرىشىمىزنىڭ ياۋروپا كۈرىشى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ھەقىقىي دوست دۆلەتتۇر.»

باياناتتا، ئۇكرائىناغا بېرىلگەن شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەرنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

دانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جاكوب ئېللېمان-جېنسېن يانۋار ئېيىدا، ئۇكرائىناغا فىرانسىيەدە ئىشلەنگەن 19 دانە «CAESAR» ناملىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك بېرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر