ناتو تۈركىيەگە پاناھلىنىش ئەسلىھەلىرىنى ئەۋەتىدۇ

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تۈركىيەنىڭ 10 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن  پاناھلىنىش ئەسلىھەلىرىنى ئەۋەتىشنى قارار قىلدى.

1945016
ناتو تۈركىيەگە پاناھلىنىش ئەسلىھەلىرىنى ئەۋەتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 6 – فېۋرال كۈنى قاھرامانماراشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىيەنىڭ 10 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن ۋە «100 يىلدىن بۇيانقى ئوڭ چوڭ بالايىئاپەت» دەپ ئاتالغان يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن  پاناھلىنىش ئەسلىھەلىرىنى ئەۋەتىشنى قارار قىلدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ناتو ئەۋەتىدىغان پاناھلىنىش ئەسلىھەلىرى ئادەتتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مانېۋىرلىرى ۋە ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە ئىشلىتىلىدىغان قارارگاھ ئەسلىھەلىرىدىن تەركىب تاپىدىكەن. بۇ ئەسلىھەلەر ئىسسىنىش، گېنېراتور ۋە داۋالاش ساھەلىرى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي دائىرىلىرى، ھازىر ئىتالىيەنىڭ تارانتو رايونىغا جايلاشقان ناتو ياردەم بېرىش ئىشتابى جەنۇبىي ھەربىي ھەرىكەت مەركىزىدە ساقلىنىۋاتقان پاناھلىنىش ئەسلىھەلىرىنى ئەۋەتىش ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ئەشيا ئوبوروتى ۋە توشۇش يوللىرى ھەققىدە پىلان تۈزمەكتە ئىكەن.

بۇ ئەسلىھەلەر، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەتلىرى ئەۋەتىشكە باشلىغان قىشلىق شارائىتقا ماس كېلىدىغان چېدىرلارنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

بۇ ئەسلىھەلەرنى ئەۋەتىش خىزمىتىگە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ ئالىي قوماندانى (SACEUR) گېنېرال كرىستوفىر كاۋولى رەھبەرلىك قىلىدىكەن.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ بۇ قارارىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

 «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيە بىلەن كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتىدۇ. بۇ پاناھلىنىش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەۋەتىلىشى قانچىلىغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ھەمراھلىرى تۈركىيەدىكى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىگە قويۇق ياردەم بەرمەكتە. بىز ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر