قاتار ئاپەت رايونلىرىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قىلىش پائالىيىتىنى باشلىدى

قاتار مەركىزى قاھرامانماراش بولغان تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە يۈز بەرگەن 7.7 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيىتىنى باشلىدى.

1942622
قاتار ئاپەت رايونلىرىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قىلىش پائالىيىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «<يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش> شوئارى ئاستىدا تۈركىيە ۋە سۈرىيەدىكى ئاپەت رايونكىرىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش پائالىيىتى باشلاندى.»

باياناتتا، پائالىيەت دائىرىسىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىدىن سىرت يەنە،  تىببىي ياردەملەرنىمۇ ئاپەت رايونلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ھەم ساخاۋەتچىلەر بۇ پائالىيەتكە تۆھپە قوشۇشقا چاقىرىق قىلىندى، ھەمدە دائىرىلەردىن، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى تەلەپ قىلىندى.

مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكىمۇ ئىسلام دۇنياسىنى تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلارغا دەرھال ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە چاقىرغانىدى.

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بىرلىكنىڭ، رايون دۆلەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە مەركىزى قاھرامانماراش ۋىلايىتى بولغان يەر تەۋرەش ئاپىتى تۈپەيلى تۈركىيە ۋە سۈرىيە خەلقلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

باياناتتا، مۇنداق دېيىلگەنىدى: «يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز. ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلارغا دەرھال ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر