ب د ت پاكىستاندىكى بىر جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېس تۈنۈگۈن (30-يانۋار) پاكىستاندىكى بىر جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1939904
ب د ت پاكىستاندىكى بىر جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېپھان دۇجاررىك تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «بۇ ھۇجۇمنىڭ بىر ئىبادەتخانىدا يۈز بېرىشى تولىمۇ يىرگىنچلىك ئىشتۇر. ئىنسانلارنىڭ تىنچ – ئامان ئىبادەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئالەمشۇمۇل بىر ھەق – ھوقۇقتۇر.»

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «باش كاتىپ گۇتېرېس جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى، ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى.»

پاكىستاننىڭ پېشاۋۇر شەھىرىدە تۈنۈگۈن پېشىن نامىزى ئەسناسىدا بىر جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا، ساقچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 72 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، تەخمىنەن 150 كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر