خىتاينىڭ موخې شەھىرى 54 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ سوغۇق قىشقا دۇچار بولدى

خىتاينىڭ خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق موخې شەھىرىدە، ھاۋا تېمپېراتۇراسى نۆلدىن تۆۋەن 53 گرادۇسقا چۈشۈپ 54 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ سوغۇق قىشقا دۇچ كەلدى.

1936897
خىتاينىڭ موخې شەھىرى 54 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ سوغۇق قىشقا دۇچار بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «BBC» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى موخې شەھىرىدە ھاۋا تېمپېراتۇراسى 22 - يانۋاردا (2023) شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 07:00 دە نۆلدىن تۆۋەن 53 گرادۇسقا چۈشكەن بولۇپ، بۇ موخېدا تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 52.3 گرادۇس چۈشكەن 1969 - يىلدىن بۇيانقى ئەڭ سوغۇق كۈنگە ئايلانغان.

خىتاينىڭ ئەڭ سوغۇق رايونى دەپمۇ بىلىنىدىغان ۋە خىتاينىڭ شىمالىي قۇتۇبى دەپمۇ ئاتىلىدىغان موخېدا قىش پەسلى ئادەتتە 8 ئاي داۋاملىشىدۇ.

خىتاينىڭ قىشلىق ساياھەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان موخېغا، يىل بويىچە ساياھەتچىلەر ئۈزۈلمەي كېلىپ تۈرىدۇ .



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر