سىسى تاجانىنى قوبۇل قىلدى

مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى دۆلىتىدە زىيارەتتە بولغان ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىيو تاجانى بىلەن خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1936326
سىسى تاجانىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت سىسىنىڭ پايتەخت قاھىرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاجانىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، سىسى تاجانىنىڭ مىسىر زىيارىتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان تارىخىي مۇناسىۋەتنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ۋە مىسىرنىڭ ئىتالىيە بىلەن ھەر دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئىتالىيە مىنىستىرى تاجانىمۇ دۆلىتىنىڭ مىسىر بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش بىلەن بىرلىكتە، ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى نۆۋەتتىكى ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.

سۆھبەت جەريانىدا سانائەت، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە دېھقانچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق، شۇنداقلا قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر