رۇسىيەدىن پاكىستانغا 300 مىڭ توننا بۇغداي يەتكۈزۈلدى

رۇسىيەدىن يولغا چىققان ۋە 300 مىڭ توننا بۇغداي بېسىلغان ئىككى يۈك پاراخوتى پاكىستانغا يېتىپ باردى.

1930646
رۇسىيەدىن پاكىستانغا 300 مىڭ توننا بۇغداي يەتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، رۇسىيەدىن 300 مىڭ توننا بۇغداي بېسىپ پاكىستانغا قاراپ يولغا چىققان ئىككى يۈك پاراخوتى كاراچى پورتىغا يېتىپ كەلگەن.

مەسئۇل دائىرىلەر، رۇسىيەدىن يەنە 400 مىڭ توننا بۇغداينىڭ 30-مارتقىچە (2023) گۋادار پورتىغا يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان بۇغداينىڭ پاكىستاندىكى ئۇن يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى يىنىكلىتىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

پاكىستاندا ئۇن باھالىرى، پۇل پاخاللىقى ۋە بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋەزىيەت سەۋەبىدىن ئۆرلەپ كەتكەن ئىدى.

پاكىستاننىڭ سىند ئىشتاتىدا 8-يانۋاردا (2023) دۆلەت تەرىپىدىن سېتىپ بېرىلگەن تۆۋەن باھالىق ئۇن ئالماقچى بولغان ئامما ئارىسىدا قىستاڭچىلىق يۈز بېرىپ بىر ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان ۋە نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر