سېنېگالدا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

سېنېگالنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 38 ئادەم قازا قىلدى، 78 ئادەم يارىلاندى.

1929628
سېنېگالدا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېنېگال دۆلەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پايتەخت داكاردىن 250 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان كاففرىن شەھىرىگە يېقىن جايدا ئىككى ئاپتوبۇس ئۆزئارا سوقۇلۇپ كېىتىپ، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا، ۋەقەدە 38 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 78 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پىرېزىدېنت ماكى سال ئۆزىنىڭ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ۋەقەدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى ۋە ھادىسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن بۈگۈندىن (2023-يىلى 9-ياۋار) باشلاپ ئۈچ كۈنلۈك مىللىي ماتەم ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەقەدىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەزىيە باياناتى ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ۋەقەدە نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە ۋاقىپ بولغانلىقىنى، ۋەقەدە جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھىم – شەپقەت تىلەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى ۋە دوستلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر