شىنزو ئابىغا سۇيىقەست قىلغۇچىنىڭ ئەقىل- ھۇشى جايىدا ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى

ياپونىيە تەپتىش مەھكىمىسى سابىق باش مىنىستىر شىنزو ئابىنى 2022 - يىلى ئىيۇلدا سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرگەن گۇماندارنى قاتىللىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەشكە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1929757
شىنزو ئابىغا سۇيىقەست قىلغۇچىنىڭ ئەقىل- ھۇشى جايىدا ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەدە «ئەڭ ئۇزۇن ۋەزىپە ئۆتىگەن باش مىنىستىر» دېگەن ئۇنۋانغا ئىگە شىنزو ئابىنىڭ ئىيۇلدا  سۇيىقەستكە ئۇچرىشىنىڭ تەسىرى داۋاملاشماقتا.

كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، رۇھىي كېسەللىكلەر تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن 42 ياشلىق گۇماندار ياماگامى تېتسۇيانىڭ ئەقىل- ھۇشىنىڭ جايىدا ئىكەنلىكى ۋە ئەيىبلەشكە بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

خەۋەردە، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتى بۇ ھەپتە توشىدىغان ياماگامىغا قارىتا قاتىللىق قىلىش ۋە قورال-ياراغ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبنامە تەييارلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەيىبنامىنىڭ تەپسىلاتلىرىنىڭ ھەپتە ئاخىرىغىچە خەلققە ئېلان قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

2022 - يىلى ئىيۇلدا نارا شەھىرىدە پارتىيەسىنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىكىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن  ئوچۇق سەھنىدە نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا كۆكرىكىگە ئوق تەگكەن شىنزو ئابى ئېغىر يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان ۋە داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان بولۇپ،  ئىيۇلدا مەتبۇئاتلارغا يېپىق شەكىلدە جىنازە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، سېنتەبىردە رەسمىي دۆلەتلىك دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

قەستلەپ ئۆلتۈرۈش گۇماندارى ياماگامى بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمدا ئىشلەتكەن قولدا ياسىۋىلىنغان قورال ۋە ئۆيىدىن تېپىلغان شۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنسىز قوراللار بىلەن قۇشۇلۇپ نازارەتكە ئېلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر