گېرمانىيە باش مىنىستىرى زېلېنىسكى بىلەن تېلېفونلاشتى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز  ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1929278
گېرمانىيە باش مىنىستىرى زېلېنىسكى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ستېففېن خېبسترېيىتنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، شولز بىلەن زېلېنسكىينىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۇكرائىنانىڭ سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىنسانىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

شولز، رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ئالدىدا ئۇكرائىنانى قەتئىي قوللايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن، ھەمدە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يىلى ئۇكرائىناغا 12 مىليارد ياۋرودىن ئارتۇق ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەنلىكى ۋە بۇ ياردەمنىڭ 2023-يىلىمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

زېلېنسكىي بولسا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلەرگە قىلغان يېقىنقى ھۇجۇملىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن، ھەمدە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىنانى «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا باتارېيەسى ۋە «ماردېر» تىپلىق بىرونىۋىك ئۇرۇش  ئاپتوموبىللىرى بىلەن تەمىنلەش قارارى تۈپەيلى مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر