ئامېرىكا: تۈركىيە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيەنىڭ رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە تىنچلىق ئۈچۈن ئۈمىد چىرىغى ياندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

1928794
ئامېرىكا: تۈركىيە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس، كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىغا ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ بۇ ۋەھشىي ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدا ئوينىغان ئىجابىي رولىغا يۇقىرى باھا بېرىمىز. تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى مەسىلىسىدە چىڭ تۇرغانلىقى ۋە ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنىڭ دىيالوگىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا تەشەككۈر ئېيتىمىز.»

ئەنقەرەنىڭ ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان «ئىجابىي رول» ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن پرايس، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈركىيە باشتىن تارتىپلا ئىجابىي رول ئويناپ كەلدى، جۈملىدىن، دىيالوگ ۋە ئەھمىيەتلىك دىپلوماتىيە سىياسىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشتى.»

ئۇ، تۈركىيەنىڭ، ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈشىنى ئىشقا ئاشۇرغىنىدىن باشقا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېس بىلەن بىرلىكتە ساھىبخانلىق قىلغان «قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمى تەشەببۇسى» دا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ ئوينىغان رولى بولمىسا، بۇ مىخانىزم <ئاشلىق كېلىشىمى تەشەببۇسى> يېڭىلانمايتتى. دەرۋەقە، بۇ، دۇنيادىكى ئەڭ ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرنى تونلارچە ئاشلىق بىلەن تەمىنلەۋاتقان بىر مىخانىزمدۇر. تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە ئىستىراتېگىيەلىك ئورنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى، شۇنداقلا، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، تىنچلىق ئۈچۈن ئۈمىد چىرىغى ياندۇردى.»

ئۇ يەنە، بۇ تىرىشچانلىقلار مەغلۇب بولغان تەقدىردە، بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەمەس، ئەكسىچە موسكۋا ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر