ئاۋىستىرالىيەدە ئىككى تىك ئۇچار ھاۋادا سوقۇشۇپ كەتتى

ئاۋىستىرالىيەنىڭ كۇۋېنسلاند ئۆلكىسىدە ئىككى تىك ئۇچار ھاۋادا سوقۇشۇپ كېتىپ، 4 كىشى قازا قىلدى.

1926494
ئاۋىستىرالىيەدە ئىككى تىك ئۇچار ھاۋادا سوقۇشۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، كۇۋېنسلاند ساقچى ئەمەلدارى گارى ۋوررېل گولد كاست شەھىرىنىڭ ئاساسلىق دېڭىز ساھىلىدا شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 13:59 دە ئىككى تىك ئۇچارنىڭ ھاۋادا سوقۇشۇپ كەتكەنلىكىنى، ۋەقەدە 4 كىشى قازا قىلىپ، 3 ى ئېغىر، جەمئىي 9 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.  

كۇۋېنسلاند ئەمەلدارلىرى قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر تىك ئۇچاردا ئولتۇرغانلار ئىكەنلىكەنلىكى، ھادىسىگە ئۇچرىغان يەنە بىر تىك ئۇچارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قونغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئاۋىستىرالىيە قاتناش بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر