ئىراننىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن مەكتەپلەر تور ئارقىلىق دەرس ئۆتۈشكە مەجبۇر

ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىن باشقا يەنە ئەلبورز، قۇم، خۇزىستان، ئىسفاھان ۋە كازۋىن قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ بەزى رايونلىرىدا ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئىشلىرى توختاپ تور ئارقىلىق دەرس ئۆتۈلىدىغان بولدى.

1926433
ئىراننىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن مەكتەپلەر تور ئارقىلىق دەرس ئۆتۈشكە مەجبۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېھران ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا، پايتەختنىڭ بەزى جايلىرىدىكى ھاۋا بۇلغىنىش كۆرسەتكۈچىنىڭ 200 دەرىجىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، بۇ ئەھۋالنىڭ بارلىق گۇرۇپپىلارغا نىسبەتەن  «ناچار» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپى ۋە ھاۋا بۇلغىنىشى جىددىي خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۆلكىدە ھامىلدار ئاياللار، 6 ياشتىن تۆۋەن ياكى باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىغا توشمىغان پەرزەنتلىرى بولغان ئانىلار شۇنداقلا كېسەل ياكى ئاجىز كىشىلەر دۈشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن يىراقتىن ئىشلەيدىغان بولدى. مەكتەپ مائارىپمۇ توردا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئەلبورز، قۇم، خۇزىستان، ئىسفاھان ۋە كازۋىن رايونىدىكى مائارىپ خىزمەتلىرىمۇ نورغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا توردا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولدى.

كونا مودېل ئاپتوموبىللار ۋە كەڭ ئومۇملاشقان موتسىكلىتلار چىقارغان گاز مىقدارىنىڭ تېھراندىكى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

دۇنيا مىقياسىدىكى ھاۋا بۇلغىنىش رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى 3  شەھەرنىڭ بىرسى بولغان تېھراندا بۇلغىنىش سەۋەبىدىن مەكتەپلەر پات پات دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر