خىتاي خەلقئارا ئايروپىلان سەپەرلىرىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرىكەن

خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن خەلقئارا ئايروپىلان سەپەرلىرىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1925431
خىتاي خەلقئارا ئايروپىلان سەپەرلىرىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن خەلقئارا ئايروپىلان سەپەرلىرىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، 8-يانۋاردىن (2023) تارتىپ خەلقئارا ئايروپىلان سەپەرلىرىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بىلدۈرۈلىشىچە، ھاۋا يولى شىركەتلىرىگە خىتايدىن چەت ئەللەرگە ۋە چەت ئەللەردىن خىتايغا ھەپتىدە بىر ئايروپىلان سەپىرى بولۇشى ھەمدە ئايروپىلان تولۇش نىسبىتىنىڭ %75 بولۇشى تەلەپ قىلىنغان بەلگىلىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن.

خىتاي ۋە چەت ئەل ھاۋا يولى شىركەتلىرى ئايروپىلان تىرانسىپورتى كېلىشىمى بويىچە خەلقئارا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى داۋاملاشتۇرالايدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى خىتايدىن چەت ئەلگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرىدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە سانىغا ئاساسەن «خەتەرلىك» ھېسابلىغان ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختىتىش تەدبىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن. ئايروپىلان خادىملىرى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش ۋە كارانتىن تەدبىرلىرىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن.

خىتاي خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى يەرلىك ۋە چەت ئەل ھاۋا يولى شىركەتلىرىنىڭ خەلقئارا ئايروپىلان سەپەرلىرى ئۈچۈن سۇنغان ئىلتىماسىنى قەدەم-باسقچۇلۇق ھالدا قوبۇل قىلىشنىڭ باشلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي سەھىيە كومىتېتى 26-دېكابىر (2022) ۋۇخەن ۋىرۇسىغا 2023-يىلى 8-يانۋاردىن باشلاپ «Aدەرىجىلىك يۇقۇملۇق كېسەل» سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنمايدىغانلىقىنى، چېگرا ئېغىزلىرى ۋە تاموژنىلاردا كارانتىن قىلىش چەكلىمىلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

يېڭى بەلگىلىمە بويىچە چەت ئەللەردىن خىتايغا كەلگەن يولۇچىلارنىڭ ساياھىتىدىن ئىلگىرى خىتاي ئەلچىخانىسى ياكى كونسۇلخانىلىرىدىن سالامەتلىك كودى ئېلىشىنىڭ مەجبۇرىي بولمايدىغانلىقى، خىتايغا كەلگەندىكى ۋىرۇس تەكشۈرۈشلىرىدە مۇسبەت چىققان ئەھۋالدىمۇ كارانتىن قىلىنمايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر