تايلاندتا چۆكۈپ كەتكەن ھەربىي  پاراخوتتا  قازا قىلغانلارنىڭ سانى 18 گە يەتتى

تايلاندتا 19 – دېكابىردىكى بوران-چاپقۇندا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتى خادىملىرىدىن يوقاپ كەتكەن 11 كىشى ھازىرغىچە تېپىلمىدى ۋە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 18 گە يەتتى.

1923813
تايلاندتا چۆكۈپ كەتكەن ھەربىي  پاراخوتتا  قازا قىلغانلارنىڭ سانى 18 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تايلاند خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باياناتىدا، پاراخوتتىكى 105 خادىمدىن 76 نەپىرىنىڭ قۇتۇلۇپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «18 كىشى قازا قىلدى، ئەمما ئۇلاردىن  سەككىز كىشىنىڭ كىملىكى ئېنىقلىنالمىدى. يوقاپ كەتكەن  11 كىشىدىن بۈگۈنگىچە ھېچقانداق خەۋەر يوق» دېيىلدى.

«HTMAS» سۇخوتاي ناملىق  دېڭىز ئارمىيە پاراخوتى پراچۇاپ خىرىخان ئۆلكىسىگە قاراشلىق باڭ ساپان ناھىيەسىنىڭ دېڭىز قىرغىقىدىن 32 كىلومىتىر يىراقلىقتا چارلاش ئەسناسىدا قاتتىق بورانغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بوراندا ئىچىگە سۇ كىرىپ كەتكەن پاراخوتنىڭ ئېلېكتر سىستېمىسىدا كاشىلا چىقىشى سەۋەبىدىن پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار، تايلاند قولتۇقىدا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن پاراخوتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېتەرلىك قۇتقۇزۇش كىيىمى يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر