خىتاي تەيۋەن ئەتراپىدىكى چارلاش پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى

خىتاي ئىگىلىك ھوقۇق دەتالاشلىرى داۋام قىلىۋاتقان تەيۋەن بوغۇزى ئەتراپىدىكى ھەربىي چارلاش پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتتى.

1923585
خىتاي تەيۋەن ئەتراپىدىكى چارلاش پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەن ئەتراپىدا كۈچلەر قىسىملار ئارا بىرلەشمە جىددىي چارلاش ۋە ھۇجۇم خاراكتېرلىك ئوت ئېچىش مانېۋىرى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مانېۋىرنىڭ ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئارىلى ئوتتۇرىسىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان مەخپىي يېقىنلىشىشقا قايتۇرۇلغان ئىنكاستىن ئىبارەت ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

تەيۋەن خىتاينى تىنچلىققا بۇزغۇنچىلىق سېلىش بىلەن ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ 71 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ تەيۋەن ھاۋا مۇداپىئە رايونىغا كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خىتاينىڭ مانېۋىر ئۆتكۈزۈش قارارى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 23-دېكابىر يولغا قويۇلۇشىدىن كېيىن چىقىرىلدى.

2023-مالىيە يىلىنىڭ مۇداپىئە چىقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر قانۇن «تەيۋەننىڭ مۇداپىئەسىگە 5 يىلدا 10 مىليارد دوللارغىچە ھەربىي ياردەم بېرىش» نى مەزمۇن قىلغان بىر ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ مەزكۇر قانۇنىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ «بىر خىتاي» پىرىنسىپىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر