زېلېنسكىي رۇسىيەگە قارشى داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش ھەققىدە خەلققە خىتاب قىلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي مەملىكەت مىقياسىدا رۇسىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇرۇشتىكى ئاكتىپ توقۇنۇشلارنىڭ 1300 كىلومېتىرلىق ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1921042
زېلېنسكىي رۇسىيەگە قارشى داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش ھەققىدە خەلققە خىتاب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنسكىي يېرىم كېچىدە تېلېگرامما ئادرېسىدا سىنلىق ئۇچۇر ئارقىلىق خەلققە خىتاب قىلىپ، 24 - فېۋرال (2022) باشلانغان رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى قاتتىق توقۇنۇشلارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

زېلېنسكىي ئۇكرائىنادا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ ئەڭ قاتتىق توقۇنۇش بولۇۋاتقان نۇقتىسىنىڭ باھمۇت شەھىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «باھمۇت ئالدىنقى سىپى ئەڭ قاتتىق توقۇنۇش نۇقتىسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. 1300 كىلومېتىرلىق ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدە ئاكتىپ توقۇنۇش بار» دېدى.

ئۇرۇشتا 99 مىڭدىن ئارتۇق رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن زېلېنسكىي، بۇ ساننىڭ بىر كۈن كېيىن 100 مىڭغا يېقىنلىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

زېلېنسكىي يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئىراندا ياسالغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، تۈنۈگۈن (19-دېكابىر) 30 دانە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ھاۋادا پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.  

رۇسىيەنىڭ ئىراندىن «شاھېد» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى سېتىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن زېلېنسكىي، ئىران بىلەن رۇسىيەنى پۇقرالارغا قارىتا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

زېلېنسكىي سۆزىدە، گىرۇزىيەدە 2021 - يىلى 1 - ئۆكتەبىردە نازارەتكە ئېلىنغان، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇكرائىنا پۇقراسى بولغان سابىق پىرېزىدېنت مىخايىل ساكاشۋىلىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

زېلېنسكىي تىفلىستىكى دوختۇرخانىدا مەھبۇس سۈپىتىدە داۋالىنىۋاتقان ساكاشۋىلىنىڭ ئۇكرائىنا، ياۋروپا دۆلەتلىرى ياكى ئامېرىكادىكى دوختۇرخانىغا يۆتكىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە گىرۇزىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ: «ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالالايدىغان بىرەر قارار چىقىرىڭلار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر