فىرانسىيەدە بىر تۇرالغۇدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە بىر تۈرك ئايالمۇ قازا قىلدى
فىرانسىيەنىڭ رون رايونىغا قاراشلىق لىئون شەھىرى ئەتراپىدا جۈمە كۈنى بىر تۇرالغۇدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئۇمران باغىران ئىسىملىك بىر تۈرك ئايالنىڭمۇ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىئون دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تۈرك-ئىسلام بىرلەشمىسى (DITIB) نىڭ رەئىسى بەختىيار قارگىئوغلۇ لىئون شەھىرى ئەتراپىدىكى ۋولكىس ئەن-ۋېلىن رايونىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن تۇرالغۇ بىناسىدا 4 تۈرك ئائىلىنىڭ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بەختىيار قارگىئوغلۇ 4 - قەۋەتتە ئولتۇرۇشلۇق ئۆمران باغىراننىڭ ئوتتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، «مەھۇمەنىڭ جىنازە نامىزىنىڭ سەيشەنبە كۈنى چۈشتە لىئون دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تۈرك-ئىسلام بىرلەشمىسى (DITIB) مەركىزىدە ئوقىلىدۇ» دېدى.
بەختىيار قارگىئوغلۇ باغىراننىڭ يولدىشىنىڭ بولسا، 4 - قەۋەتتىن سەكرەپ يارىلانغانلىقىنى ۋە دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بىنادا تۇرۇشلۇق كىشىلەرنىڭ جىددىي ئېھتىياجى ئۈچۈن لىئون دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تۈرك-ئىسلام بىرلەشمىسى (DITIB) مەركىزىدە ياردەم توپلاندى.
يۈزلەرچە كىشى ئوتتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ۋولكىس ئەن-ۋېلىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا بىر يەرگە جەم بولدى.
ئوت ئاپىتىدە دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا، 5 كىچىك بالىنى قوشقاندا، جەمئىي 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 19 كىشى يارىلانغان ھەمدە ئۇمران ئىسىملىك 32 ياشلىق تۈرك ئايالنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.
ئوت ئاپىتى ھەققىدە تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا.