پۇتىن: يادرو ئۇرۇشى تەھدىتى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن يادرو ئۇرۇشى تەھدىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «رۇسىيە (يادرو قوراللىرىنى) بىرىنچى بولۇپ ئىشلەتمەيدۇ، ئەگەر بىرىنچى بولۇپ ئىشلەتمىسە، ئىككىنچىسىمۇ بولمايدۇ» دېدى.

1916260
پۇتىن: يادرو ئۇرۇشى تەھدىتى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى تەرەققى قىلدۇرۇش كېڭىشى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، دونباستا ياشايدىغان خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ 8 يىل بويىچە دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ بۇنى كۆرمەسكە سېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پۇتىن ئۇكرائىنادا قوزغىغان «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت» تىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، ياۋروپا كېڭىشى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئويغانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ قۇرۇلمىلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئاشكارا تەنقىدىي قاراش سەۋەبىدىن، رۇسىيە بۇ تەشكىلاتلاردىكى ئەزالىقىغا خاتىمە بېرىشكە مەجبۇر بولدى» دېدى.

پۇتىن غەرب كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ «رۇسىيەنى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھوقۇقى ھېچبىر شەكىلدە بولمىغان ئىككىنچى دەرىجىلىك دۆلەت قاتارىدا كۆرگەنلىكىنى» تەكىتلەپ، دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەر خىل يول ۋە ۋاسىتىلەر بىلەن كۈرەش قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ: «ئەلۋەتتە، ئالدى بىلەن بىز تىنچ يوللارغا ئەھمىيەت بېرىمىز. ئەمما، قىلىدىغانغا باشقا ئىش قالمىغاندا، ئاندىن قولىمىزدىكى بارلىق ئاماللار بىلەن ئۆزىمىزنى قوغدايمىز» دېدى.

ئۇ يەنە،  يادرو ئۇرۇشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى ھەققىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«يادرو ئۇرۇشىنىڭ تەھدىتى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. رۇسىيە (يادرو قوراللىرىنى) بىرىنچى بولۇپ ئىشلەتمەيدۇ، ئەگەر بىرىنچى بولۇپ ئىشلەتمىسە، ئىككىنچىسىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى يادرو قوراللىرىنى زېمىنىمىزغا قارشى ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن چەكلىك.»

ئۇ ئاخىرىدا، يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە سۆز قىلمىغانلىقىنى، پەقەت جاۋاب سۈپىتىدە بەزى تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر