ياۋروپا ئىتتىپاقى - غەربىي بالقان ئەللىرى باشلىقلار يىغىنى تىرانادا باشلاندى
ياۋروپا ئىتتىپاقى - غەربىي بالقان ئەللىرى باشلىقلار يىغىنى ئالبانىيەنىڭ پايتەختى تىرانادا باشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئالبانىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا پايتەخت تراندىكى قۇرۇلتاي زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىغا رايون دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن باشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى چارلىز مىشېل ۋە ياۋروپا كومىسسىيونى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېنمۇ ئىشتىراك قىلماقتا.
ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئەدى راما پايتەخت تىرانادىكى ئىتالىيە مەيدانىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە غەربىي بالقان دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى -غەربىي بالقان ئەللىرى باشلىقلار يىغىنىدا، رۇسىيەنىڭ 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتى، تاشقى ئارىلىشىشلارغا قارشى بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش، كۆچمەنلەرنى مەنبە قىلغان مەسىلىلەرگە قارشى تۇرۇش، تېررورلۇق ۋە تەشكىللىك جىنايىي قىلمىشلارغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى پىلانلانماقتا.
باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، راما مىشېل ۋە ۋون دېر لېيېن بىرلىكتە قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.