ئۇكرائىنا ياردەملەرنىڭ تېزلىكتە يەتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دمىترو كۇلېبا ناتودىن رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان دۆلىتىگە، ھەربىي ۋە ھەربىي بولمىغان ياردەملەرنى «تېخىمۇ تېزلىكتە» يەتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

1912785
ئۇكرائىنا ياردەملەرنىڭ تېزلىكتە يەتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دمىترو كۇلېبا ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن رۇمېنىيە پايتەختى بۇخارېستتا، ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

ئۇ ئىلگىرىمۇ ناتودىن قورال-ياراغ تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى، قورال-ياراغ بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن رۇسىيە بېسىۋالغان زېمىنلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قايتۇرۇۋالغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، قىلىنىدىغان ياردەملەرنىڭ تېزلىكتە ئەۋەتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ: «رۇسىيەنى مەغلۇب قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىدۇق. قورال-ياراغلار ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىكى قورال-ياراغ ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى قارارلار ۋە بۇلارنى تاپشۇرۇپ بېرىش ئىشلىرى تېخىمۇ تېز بولۇشى كېرەك» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«بىز ھاۋا قوغدىنىش سىستېمىلىرىغا ئېھتىياجلىق. بىزگە ئايرىس (Iris)، خاۋك (Hawk)، <ۋەتەنپەرۋەر> سىستېمىلىرى كېرەك. بەزى ئۈسكۈنىلەر ۋە گېنېراتورلىرىمىز بولغان ئەھۋالدا ئۆزىمىزنىڭ ئېنېرگىيە ئىستانسىسىلىرىنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، خەلقنى ياخشى تۇرمۇش شارائىتلىرىغا ئىگە قىلالايمىز. ھاۋا قوغدىنىش سىستېمىمىز بولسا ئۇل-ئەسلىھەلىرىمىزنى رۇسىيەنىڭ كېيىنكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىغا قارشى قوغدىيالايمىز.»

رۇسىيە 24-فېۋرال (2022) ئۇكرائىناغا قارشى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر