رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۆزئارا ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى دائىرىسىدە ئۇكرائىنانىڭ 50، رۇسىيەنىڭ 50 ئەسكىرى قويۇپ بېرىلدى.

1910989
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۆزئارا ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسى باشلىقى ئاندرېي يېرماك تېلېگرامما قانىلىدا بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى دائىرىسىدە ئاسارەتتىن قۇتقۇزۇلغان ئەسكەرلەرنىڭ ئىچىدە مارىيپول شەھىرىدىكى ئازوۋستال زاۋۇتى، چېرنوبىل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە ۋە يىلان ئارىلىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئەسكەرلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بۈگۈن بىز ئىككى نەپەر ئوفىتسېرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنى رۇسىيەنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدۇق. ئۇلارنىڭ 20 نەپىرى دۆلەت مۇداپىئەسى قىسىملىرى ئەسكىرى، 12 نەپىرى دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكىرى، 10 نەپىرى ئۇكرائىنا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئەسكىرى، ئالتە نەپىرى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئەسكىرى، ئىككىسى پىدائىيدۇر». دېدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئۇكرائىنا تەرەپ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت نەتىجىسىدە 50 رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئەسكەرلەرگە زۆرۈر بولغان تېببىي ۋە پىسخىكىلىك ياردەملەرنىڭ بېرىلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، مەزكۇر ئەسكەرلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئايروپىلانى بىلەن پايتەختى موسكۋاغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىىگە ئىشارەت قىلىندى.

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى تۈنۈگۈن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئەسىر ئالماشتۇرۇشتا، 35 رۇسىيە ئەسكىرى بىلەن بىرى پۇقرا 35 نەپىرى ئەسكەر بولۇپ جەمئىي 36 ئۇكرائىنالىق قويۇپ بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر