ئامېرىكا ئۇكرائىناغا قوشۇمچە ھەربىي ياردەم بېرىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئامبىرىدىن ئۇكرائىنانى 400 مىليون دوللارلىق قوشۇمچە ئوق - دورا ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1910434
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا قوشۇمچە ھەربىي ياردەم بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بلىنكېن، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئۇكرائىنانىڭ ئۆزىنى قوغدىشىغا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن قوشۇمچە ھەربىي ياردەم ئارقىلىق ئۇكرائىنانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن، ئۇكرائىنانى 26-قېتىم ئامېرىكا ئارمىيەسى ئامبىرىدىن  قورال - ياراغ ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن بلىنكېن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ پىلانىنىڭ، 400 مىليون دوللارلىق قوشۇمچە قورال – ياراغ، ئوق - دورا ۋە ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ ياردەم پىلانى بىلەن بىرلىكتە ئۇكرائىناغا قىلغان ھەربىي ياردەملىرىنىڭ مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 19.7 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان بلىنكېن، ئۇكرائىنانى تەمىنلىگەن زەمبىرەك ئوقلىرى، ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ۋە تاكتىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئۇكرائىناغا جەڭ مەيدانىدا پايدا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك يېقىندا كىيېۋغا قىلغان زىيارىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان 50 مىليون فوندستېرلىڭلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياردەم پىلانىمىزغا، فىرانسىيە ۋە ئەنگىلىيەمۇ ئىشتىراك قىلماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، شىۋېتسىيەنىڭمۇ يېقىندا ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن تەخمىنەن 300 مىليون دوللار ئاجېراتقانلىقىنى ئەسكەرتىمىز. ئۇكرائىنانىڭ ئۆزىنى قوغدىيالىشى ۋە ۋاقتى كەلگەندە سۆھبەت ئۈستىلىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئورۇندا تۇرالىشى ئۈچۈن، قانچىلىك ۋاقىت كېتىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر