ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن بىلەن خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې كامبودژادا كۆرۈشتى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن بىلەن خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال ۋېي فېڭخې شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان كامبودژانىڭ سىئېم رېپ شەھىرىدە كۆرۈشتى.

1909281
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن بىلەن خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې كامبودژادا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ، مەزكۇر ئىككى مىنىستىرنىڭ بۇ يىل ئىيۇندا سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن «شاڭرى-لا دىيالوگى» مۇداپىئە مۇنبىرى جەريانىدىكى ئۇچرىشىشىدىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشى بولۇپ قالدى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچى پەت رايدېر ئىككى مىنىستىرنىڭ ئۇچرىشىشى توغرىسىدا بايانات بېرىپ،  ئوستىننىڭ مەنسەپدىشىغا، ۋاشىنگتوننىڭ، خىتاينىڭ ھەربىي ۋاسىتىلىرىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خەتەرلىك ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى رايدېر، ئوستىننىڭ «خىتاي ئايروپىلانلىرىنىڭ خەتەرلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ رايوندىكى ھادىسە خەۋپىنى ئاشۇرۇۋەتكەنلىكى»نى ۋە «ئىستراتېگىيەلىك خەتەرلەرنى ئازايتىش ۋە مەشغۇلات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كونكرېت سۆھبەتكە ئېھتىياج بارلىقى» نى تىلغا ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي تەرەپ، ئىككى مىنىستىرنىڭ ئۇچرىشىشى توغرىسىدا ھازىرغىچە بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئىككى مىنىستىرنىڭ ئۇچرىشىشى، ئامېرىكا ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدىكى ئۇچرىشىشىدىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

ھىندونېزىيەدىكى ئۇچرىشىشتا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا  ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئالاقە يوللىرىنى ئوچۇق تۇتۇش كېرەكلىكىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر