ئالبانىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئالبانىيەدە ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ چاقىرىقى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1905654
ئالبانىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچى ئالبانىيە دېموكراتىك پارتىيەسى ۋە ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ چاقىرىقى بىلەن پايتەخت تىرانغا مىڭلىغان نامايىشچىلار يىغىلىپ، باھانىڭ ئۆسۈپ كېتىشى، نامراتلىقنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە ياشلارنىڭ دۆلەتنى تاشلاپ چەت ئەللەرگە چىقىپ كېتىشىگە نارازلىق بىلدۈردى.

خەلق شېھىتلەر كوچىسىدىكى باش مىنىستىرلىق بىناسىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان ۋە بىر نەچچە سائەت داۋاملاشقان نامايىشتا، «ئالبانىيە خەتەر ئاستىدا» دېگەن شۇئارلار توۋلاندى.

نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نامايىشچىلار باش مىنىستىرلىق بىناسىغا بوياق ئاتتى ۋە پەلەمپەيلەرگە شام ياقتى.

نامايىش جەريانىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا پات-پات سۈركىلىشلەرمۇ يۈز بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر