ياپونىيە 12 دۆلەت قاتناشقان بىرلەشمە ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلدى

ياپونىيەنىڭ كاناگاۋا ئىشتاتىدىكى ساگائى بوغۇزىدا، 12 دۆلەتنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى قاتناشقان پارات ئۆتكۈزۈلدى.

1902886
ياپونىيە 12 دۆلەت قاتناشقان بىرلەشمە ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلدى
kisida donama gecit toreni.jpg
donanma gecit toreni japonya.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، 31-ئۆكتەبىردە باشلىنىپ 5-نويابىر (2022) ئاخىرلاشقان ئامېرىكا - جەنۇبىي كورېيە بىرلەشمە مانېۋىرى، شۇنداقلا شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى بىلەن ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن رايوندا، ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش ئارمىيەسىنىڭ دېڭىز قىسىملىرى ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق ھەربىي پاراخوتلار پاراتىغا ساھىبخانلىق قىلغان.

بۇ پائالىيەتكە، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋستىرالىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق 12 دۆلەتنىڭ 18 پاراخوتى ۋە ئالتە ئايروپىلان قاتناشتى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىيو كىشىدا سۆز قىلىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ شىمالىي كورېيەنىڭ 4-ئۆكتەبىر (2022) قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىدا، بىر بومبىنىڭ ياپونىيە تەۋەلىكىدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، پىيوڭياڭنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو تەرەققىياتىغا يول قويالمايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ خىتاينى تىلغا ئېلىپ، شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىز ئەتراپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا دۆلەتنىڭ ئەتراپىدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە يامانلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ 24-فېۋرال (2022) باشلانغان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى ئۈستىدە توختىلىپ، مەۋجۇت ئەھۋالنى كۈچ بىلەن ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىدىغان بىر تەرەپلىمە ھەرىكەتلەرگە دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە كۆز يۇمۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىشنىڭ كۈچ بىلەن مەۋجۇت ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشىغا مىسال بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى پارات، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى قىلغان شىمالىي كورېيەگە قارشى «بىللە بولۇش» نى كۆرىسىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر