شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كىرىستېرسون دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن 8-نويابىر تۈركىيەگە كېلىدۇ.

1902308
شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىرىستېرسون تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولىدىكەن.

كىرىستېرسون، 20 – ئۆكتەبىر كۈنى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا مەكتۇپ يوللاپ، شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

شىۋېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىن بىر ھەيئەتمۇ 5 – 6 ئۆكتەبىر كۈنلىرى پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولغان، ھەمدە ئوخشاش مەسىلە ھەققىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى دائىرىلىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزگەنىدى.

28 – ئىيۇن كۈنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مادرىد باشلىقلار يىغىنىدا، تۈركىيە، فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە تەرىپىدىن ئۈچ تەرەپلىك باياننامە ئىمزالانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر